يېمىشلىك كاۋا پىشۇرۇش ئۇسۇلى
15:11:30 2022-06-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: ئىككى كىلوگىرام ئەتراپىدىكى يەرلىك چاقما كاۋىدىن بىر دانە، كۆك يېمىشتىن 50 گىرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن  20 گىرام، ياۋگودىن 20  گىرام، قۇرۇق چىلاندىن 10 گىرام، گۈلىدىن 50 گىرام. ھەسەلدىن 50 گىرام، ناۋاتتىن 100 گىرام، ياڭاق مېغىزىدىن 100 گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. كاۋىنىڭ ساپاق تەرىپىدىن دۈگىلەك كېسىپ ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى ئېلىۋېتىپ، پۈتۈن ھالەتتە تەييارلايمىز.  كۆك يېمىش، چىلان، ياۋگو، گۈلە، ياڭاق مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىمىز، ناۋاتنى چوقۇپ ئۇششاق پارچىلايمىز. 2. كاۋا ئىچىگە پارچىلانغان ناۋات بىلەن چىلاپ قويۇلغان يەل- يېمىشلەرنى ئازراق سۈيى بىلەن سېلىپ، قاسقاندا 30 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ، كۈچلۈك ئوتتا پىشۇرىمىز (كاۋا چوڭراق بولسا پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزاقراق، كىچىكرەك بولسا قىسقىراق بولىدۇ. 3. پىشقان كاۋىنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ، قىزىتىلغان دۇخوپكىدا 15  مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈيى قۇرۇغاندا ئېلىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 ئەسكەرتىش: كاۋىنى چوڭ- چوڭ پارچىلاپ پىشۇرساقمۇ بولىدۇ. ئىچىگە سالىدىغان يەل- يېمىشلەرنىڭ تېپىلىدىغىنىنى سېلىپ، ياۋگو ئورنىغا بادام، چىلان ئورنىغا جىگدە سېلىپ پىشۇرساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر دۇخوپكا بولمىسا قاسقاندا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، كاۋىدىكى ھەسەل دۇخوپكىدا پىشۇرغاندەك قىزىرىپ كۆركەم تۈس ئالماي، سۇلۇقراق بولۇپ قالىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125