خۇرۇچلىرى: تۆت دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كولباسا بىر تال، تەرخەمەك بىر تال، قىزىلمۇچ يېرىم تال، چىلانغان قارا قېرىنقۇلاقتىن ئىككى قۇلاق، قىزىل كاللەك يېسىۋېلەك، سۇيېغى 60 گىرام، كىراخمال بەش گىرام، پىياز يېرىم دانە، تۇز، تېتىتقۇ، ئاقمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: كۆكتاتلارنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ، قايناق سۇغا بېسىۋالىمىز. تۇخۇم سېرىقىغا ئازراق تۇز، كىراخمال سېلىپ قوچۇپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرىمىز. ساپلىققا ياغ قۇيۇپ، بەش- ئالتە دەرىجە قىزىتىپ، تۇخۇم سېرىقىنى قۇيۇپ، چېچىلدۇرۇپ قورۇپ، پىشقاندا بارلىق كۆكتاتلارنى بىرلا ۋاقىتتا سېلىپ، ئازراق تۇز، ئاقمۇچ، تېتىتقۇ سېلىپ، تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)