خۇرۇچلىرى: چامغۇردىن ئىككى باش، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈن يېغى، ئاق ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. چامغۇرنى پاكىز يۇيۇپ ئادالاپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. 2. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، چامغۇر قەلەمچىسىنى قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، سوۋۇتۇپ ئايرىم قاچىغا سالىمىز، ئۈستىگە تۇز، ۋېيجىڭ، ئاق ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئوزۇق بولىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىگە پايدا قىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)