خۇرۇچلىرى: چېچەكسەيدىن 300 گىرام، سەۋزىدىن يېرىم تال، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. چېچەكسەينى پاكىز يۇيۇپ، ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ توغرايمىز. سەۋزىنى نېپىز يالپاق توغراپ، ئىككىسىنى قوشۇپ قايناق سۇغا بېسىۋېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ بىر قاچىغا ئالىمىز. 2. سوۋۇغان چېچەكسەي بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)