ئىرىس پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇسۇلى
18:30:12 2022-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سېرىقماي بىر پىيالە، تۇخۇم بەش دانە، ئاق شېكەر دۆۋە بىر پىيالە، ئىرىس يېرىم پىيالە، ئۈن مۇۋاپىق مىقداردا، سودا كىچىك بىر قوشۇق.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. سېرىقماينى جاۋۇرغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئېرىتىمىز، تۇخۇمنى شېكەر بىلەن چېلىپ كۆپتۈرۈپ، جاۋۇردىكى ياغ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئىرىس، سودا، ئۇننى سېلىپ، بوش خېمىر يۇغۇرۇپ، تىندۇرمىز. 2. ياغلاپ تەييارلانغان لېسقا خېمىرنى قۇيۇپ، قىزىتىلغان دۇخوپكىدا پىشۇرۇپ، ئەمبەل ئۈستىگە پۈتۈن پېتى چۈشۈرۈۋالىمىز. ئاندىن ئۇنى ئىستاكاننى دۈم قىلىپ كېسىپ، ئۈستىگە كىرىم سۈركەپ، چۆرىسىدىن چۈشكەن ئۇۋاقنى ئېزىپ پىرەنىك ئۈستىگە سېپىمىز. بۇ خىل پىرەنىك ھەم يېيىشلىك، ھەم كۆركەم بولىدۇ.

 كىرىم: تۇخۇمنىڭ ئېقىنى توڭلاتقۇدا 20 مىنۇت قويۇپ، ئاندىن شېكەر بىلەن كۆپتۈرۈپ ياسالغان خۇرۇچ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125