يۆگىمە موما ئېتىش ئۇسۇلى
18:47:23 2022-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن بىر كىلوگىرام، قوناق ئۇنىدىن 800 گىرام، شېكەردىن 100 گىرام، خېمىرتۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. قوناق ئۇنىغىمۇ شېكەر، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ئىلمان سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. ئاق ئۇن خېمىرىغا قايتا ئىشلەپ، بېسىپ ياپىلاقلاپ، 10 مىنۇت تىندۇرۇپ، نوغۇچ بىلەن ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىپ، ئۈستىگە قوناق ئۇنى خېمىرىنى تەكشى يېيىتىپ، ئاق ئۇن خېمىرىنىڭ بىر چېتىدىن ئىچىگە قارىتىپ يۆگەپ، يەنە 10 مىنۇت تىندۇرىمىز، ئاندىن قاسقانغا سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا 30 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇپ، سەل سوۋۇغاندا سەككىز سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ، تەخسىگە چىرايلىق تىزىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: سوغۇق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125