خۇرۇچلىرى: دۇفۇ 300 گىرام، شېكەر 30 گىرام، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىر دانە، كىراخمال، ئاق كۈنجۈت، چۈچۈتۈلگەن ياغ مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. دۇفۇنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، تۇخۇم ئېقىدا شىرنە ياسايمىز. 2. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا چۈچۈتۈلگەن ياغ قۇيۇپ، ئالتە دەرىجە قىزىتىمىز، دۇفۇ قەلەمچىسىگە كىراخمال بىلەن تۇخۇم ئېقىدا تەڭشەلگەن شىرنىنى سۈركەپ، ياغقا سېلىپ، سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈۋالىمىز. قازاندا ئازراق ياغ قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر سېلىپ، ئۈگرىدەك سوزۇلغۇچە ئىلەشتۈرۈپ، دۇفۇ قەلەمچىسى بىلەن ئاق كۈنجۈتنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)