شاپتۇل مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى (1)
14:28:31 2022-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: يارما شاپتۇل بىر كىلوگىرام، شېكەر 700 گىرام، لىمون بىر دانە ياكى لىمون جەۋھىرى 2.5 گىرام، شاپتۇل چىلاشقۇدەك سۇ.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. شاپتۇلنى يۇيۇپ، سۈرتۈپ، ئىككى پارچە قىلىپ ئۈچكىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ پىرسەنتلىك تۇز سۈيىگە ئىككى- ئۈچ سائەت چىلايمىز، ئاندىن سۇنى ئېقىتىپ چايقاپ، سىرلىق كورىغا سېلىپ، چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا ئۇچ مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 200 گىرام شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا يەنە 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز. 2.سۈزۈۋالغان شاپتۇلنىڭ پوستىنى سويۇپ دەسلەپكى قىيامغا سېلىپ، ئىككى مىنۇتچە قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 3. 10 سائەتتىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇپ، بوش ئوتتا ئىككى مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ. سۈيىگە 200 گىرام شېكەر سېلىپ ئېرىتىپ، بوش ئوتتا 15 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاندىن سۈزۈۋالغان شاپتۇلنى سېلىپ، بىر مىنۇتچە قاينىتىپ ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 4. 24 سائەتتىن كېيىن يەنە بوش ئوتتا ئىككى مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە قالغان 300 گىرام شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا لىمون شىرنىسىنى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسىنى قوشۇپ بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاخىرىدا سۈزۈۋالغان شاپتۇلنى سېلىپ بىر- ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئوتتىن ئېلىپ، سىرلىق كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: قاننى كۆپەيتىپ، ساپلاشتۇرىدۇ. تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەتكە شىپا قىلىدۇ.

  تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125