خۇرۇچلىرى: سەۋزىدىن 200گىرام، چېڭزىدىن بىر دانە، ھەسەل ۋە لىمون شىرنىسى بىر قوشۇقتىن، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 60 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سەۋزىنىڭ پوستىنى قىرىۋېتىپ يۇيۇپ، ئۇششاق توغرايمىز، چېڭزىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىمىز، تەييارلانغان سەۋزە بىلەن چېڭزىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ، ھەسەل بىلەن لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: بەدەندىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: چېڭزى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالدى- كەينىدە بىرەر سائەتكىچە سۈت ئىچىشكە بولمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)