خۇرۇچلىرى: تۇخۇم بەش دانە، سۇيېغى 10گىرام، شوخلا بىردانە، تۇز، ئاقمۇچ، تېتىتقۇ، جياڭيۇ، كىراخمال مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: تەييارلانغان تۇخۇمنى قازاندىكى سوغۇق سۇغا سېلىپ، سۇس ئوتتا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇۋېلىپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ سوۋۇتۇپ، شاكىلىنى سويۇپ تەييارلايمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ. تۆت دەرىجە قىزىتىپ، پىششىق تۇخۇمنى سېلىپ تۇخۇمنىڭ سىرتى قاپىرىپ سارغىيىپ پىشقاندا ئېلىپ، سەل سوۋۇغاندا ھەربىر تۇخۇمنى ئىككى ياكى تۆت پارچە توغرايمىز، ئاندىن بىر تال شوخلىدىن گۈل ياساپ، تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، چۆرىسىگە تۇخۇملارنى بىرنى دۈم، بىرنى ئوڭ قىلىپ تىزىمىز. قازانغا ئازراق شورپا قۇيۇپ تۇز، تېتىتقۇ، جياڭيۇ، ئاقمۇچ، كىراخمال سېلىپ شىرنە تەڭشەپ، تەخسىدىكى تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز، تەخسىنىڭ چۆرىسىنى ھەركىم ئۆز ئىختىيارى بويىچە بېزىسە بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىققا مايىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)