ماشىنا پىرەنىكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
18:11:24 2022-06-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوي يېغى بىر پىيالە، ئاق شېكەر لىق بىر پىيالە، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىر دانە، سودا يېرىم قوشۇق، قېتىق چوڭ بىر قوشۇق، يېتەرلىك ئۇن.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. ياغنى جاۋۇرغا سېلىپ، سودا بىلەن قوشۇپ چېلىپ كۆپتۈرىمىز. تۇخۇم، شېكەرنى كۆپتۈرۈلگەن ياغنىڭ  ئۈستىگە سېلىپ، يەنە چېلىپ كۆپتۈرىمىز، ئاندىن قېتىق قۇيۇپ، ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن سېلىپ، سەل چىڭراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئازراق تىندۇرۇپ قويىمىز. 2. گۆش توغرايدىغان ماشىنىنىڭ پىچاق ۋە تۆشۈكلۈك قېلىپىنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا چىشلىق قېلىپنى ئورنىتىپ، خېمىرنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ماشىنىنى ئايلاندۇرىمىز، تارتىلغان خېمىرنى ئاۋايلاپ ئەمبەلگە چۈشۈرۈپ، ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، لېسقا رەتلىك تىزىپ، ئالدىن قىزىتىۋالغان دۇخوپكىغا سېلىپ، سەل سارغايتىپ پىشۇرساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125