خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، ياڭيۇدىن 300 گىرام، تۇز، خېمىرتۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ياڭيۇنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، توغراپ، قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ، يۇمشاق پىشقاندا ئەمبەلگە ئېلىپ، قىزىق ۋاقتىدا دەرھال نوغۇچ بىلەن ئېزىپ بوتقا ھالىتىگە كەلتۈرىمىز. 2. ئۈستىگە قوناق ئۇنى، تۇز ۋە خېمىرتۇرۇچتىن سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا تىندۇرىمىز. 3. خېمىر تىنىپ، تولۇق كۆپكەندە تومراق پىلتا قىلىپ، پىچاق بىلەن بەش سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، قاسقانغا سېلىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ، ئايرىم قورۇما ياكى سوغۇق سەيلەر بىلەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)