نەسىللىك كالا باقمىچىلىقى دېھقان ـ چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى
12:21:53 2022-07-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كېسەل داۋالاشتىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە

نەسىللىك كالا باقمىچىلىقى دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ چىرىكچى يېزىسى لىمىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كالا فېرمىسىغا كىرىپ، قاۋۇل گۆش كالىلىرىنىڭ يەم- خەشەك يەۋاتقانلىقىنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيەنمىننىڭ ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە كالا قوتىنىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

 كوپىراتىپ كالا فېرمىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 مو بولۇپ، 1100دىن ئارتۇق كالا بېقىلىۋاتاتتى.

 2003- يىلى ۋاڭ جيەنمىن كۆپ يىل تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ توپلىغان مەبلىغىگە تايىنىپ، 45 تۇياق ئالا سۈت كالىسى سېتىۋالدى، ئۆيىدىكى يەرلىك كالا، تۆللەيدىغان ئىنەكلەرنى قوشۇپ 100گە يەتكۈزدى. ئىشەنچكە تولۇپ تاشقان ۋاڭ جيەنمىن قاتتىق ئىشلىمەكچى بولدى، لېكىن بازارنىڭ تەسىرىدە سېتىش قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، ۋاڭ جيەنمىننىڭ ئۆيىدە ھەر كۈنى 4000 كىلوگىرامغا يېقىن سۈت سېتىلماي تۇرۇپ قالدى. تۇنجى قېتىملىق تىپ ئۆزگەرتىش يولى ۋاڭ جيەنمىنغا 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان سالدى.

 2009- يىلى، چىرىكچى يېزىسى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن يەرلەرنى ئېچىپ پايدىلىنىپ، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋاڭ جيەنمىندە يەنە كالا بېقىش ئويى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئۇ گۆشى ۋە سۈتىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدىغان نەسىللىك كالا سورتى − سىمېنتال كالىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلار باققان يەرلىك كالىلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىشنى قارار قىلدى.

 كالا بېقىشتا كونا ئۇسۇلغىلا تايىنىۋالغان بىلەن بولمايدۇ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، نەسىللىك كالا باقىدىغان چوڭ ئائىلىلەردىن تەجرىبە ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

 بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ۋاڭ جيەنمىن ئالتاي شەھىرى ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە چارۋا باقمىچىلىقىدا كېسەل داۋالاشتىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە يول ئېچىپ، تەتقىق قىلىپ ياسىغان موزاي ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى موزايلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. ئىنەك باقمىچىلىقىمۇ ئىلگىرىكى ئىنچىكىلىك بىلەن قوتاندا بېقىشتىن فېرما شەكلىدە يايلىتىپ بېقىشقا ئۆزگەردى، مۇۋاپىق دالا پائالىيىتى ئىنەكلەرنىڭ تۆللىشى قىيىن بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

 2019- يىلى، چىرىكچى يېزىسىنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، بولۇپمۇ، 2020- يىلى خۇالىڭ كالىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ جيەنمىن پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدى، شۇ يىلى ئۇ 300دىن ئارتۇق سىمېنتال كالىسىنى كىرگۈزۈپ، ئۇدا ئۈچ يىل 1000غا يېقىن نەسىللىك كالا كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن موزاي كۆپەيتىشكە ئىشلەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئارىسىدا نەسىللىك كالىلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشنى كېڭەيتتى. ئۇ كوپىراتىپتىكى كالىلارنى ھەمكارلىشىپ بېقىش شەكلىدە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېقىشىغا تارقىتىپ بەردى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ھەربىر ئائىلە نۆل تەننەرخ بىلەن ئون تۇياق ئەتراپىدا كالا بېقىۋالسا بولىدىغان، تۇياق سانى بويىچە ھەر يىلى پايدىنى يېرىمدىن بۆلۈشىدىغان بولدى، بۇ تەدبىر شۇ جايدىكى چارۋا نەسلىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تېزلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ نەسىللىك كالا باقمىچىلىقىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 كەلگۈسى پىلان توغرىسىدا توختالغاندا، ۋاڭ جيەنمىن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىنىۋاتىمەن».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125