باقالى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
16:42:31 2022-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوي يېغى بىر پىيالە، ھەسەل بىر پىيالە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، مېۋە سۈيى بىر پىيالە، يانجىلغان ياڭاق مېغىزى  دۆۋە بىر پىيالە، قېتىق بىر قوشۇق، سودا بىر قوشۇق، ئۇن ئىككى پىيالە، توغرالغان قۈرۇق ئۈزۈم يېرىم پىيالە.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى:1. قوي يېغىنى جاۋۇرغا قۇيۇپ چېلىپ ئاقارغۇچە كۆپتۈرىمىز، ئۈستىگە شېكەر، ھەسەل، تۇخۇم سېلىپ ئوبدان چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مېۋە سۈيى، قېتىق، ياڭاق مېغىزى قۇرۇق ئۈزۈم، سودالارنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن سېلىپ خېمىر تەييارلايمىز. 2. دۇخوپكىنى ئوبدان قىزىتىپ، چوڭقۇر لېسنى تەكشى ياغلاپ، نېپىز ئۇن سېپىپ، خېمىرنى لېسقا قۇيۇپ، ئۈستىگە يانجىلغان ياڭاق مېغىزى، يانجىلغان پىرەنىكلەرنى سېپىپ، دۇخوپكىغا سېلىپ، توكنى بىر- ئىككى مىنۇت ئۆچۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن يەنە يېقىپ، 35-40 مىنۇت قويۇپ پىشۇرىمىز. ئوخشاپ پىشقان باقالىنىڭ رەڭگى جىگەر رەڭ بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125