خۇرۇچلىرى: تۇخۇم بەش دانە، شېكەر بىر پىيالە، ھەسەل بىر پىيالە، تۇز يېرىم قوشۇق، ئازراق سودا، ئالىي سورتلۇق ئۇن ئۈچ پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. تۇخۇمنى جاۋۇردا كۆپتۈرۈپ، سودا، تۇز سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن سېلىپ، نوغۇچ بىلەن يايغۇدەك قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز. خېمىرنى تىندۇرۇپ، نوغۇچ بىلەن تەكشى يايىمىز، يايغان خېمىرنى ئازراق شامالدىتىپ، ئۈچ مىللىمېتىر كەڭلىكتە ئۈگرىدەك كېسىمىز. قازانغا قوي يېغى ياكى سۇيېغى قۇيۇپ، بوش ئوتتا ئۈگرىنى ئاقراق پىشۇرۇۋالىمىز. 2. يەنە بىر جاۋۇرغا شېكەر سېلىپ، ئۈستىگە چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە بىر پىيالە ھەسەل قۇيۇپ يەنە بوش ئوتتا سارغايغۇچە قاينىتىمىز. قىيامنى سوغۇق سۇغا تېمىتساق قىيام قاتسا قاينىتىشنى توختىتىمىز. 3. پىشۇرۇلغان تۇچنى جاۋۇرغا سېلىپ، ئۈستىگە قىيامنى قۇيۇپ، تېز- تېز ئارىلاشتۇرۇپ تاۋاقلارغا ئېلىپ، قول بىلەن ئۈستىدىن بېسىپ قاتۇرىمىز، تۇچ ئوبدان بېسىلىپ، سوۋۇغاندا، پىچاق بىلەن ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە كېسىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)