ناپالېئون پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:40:17 2022-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى:  ئۇن ئىككى پىيالە، سېرىق ماي بىر پىيالە، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ بىر پىيالە، ھاراق ئىككى كىچىك قوشۇق، تۇز بىر چىمدىم.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1 قۇرۇق ئەمبەلگە ئۇننى يېيىپ ئۈستىگە سېرىق ماينى  پىچاق بىلەن نېپىز توغراپ تەكشى يايىمىز، پىچاق بىلەن ئۇن، سېرىق ماينى ئارىلاشتۇرۇپ يەنە توغرايمىز. ئۇن بىلەن ماي تېرىقتەك تۈگۈرچەك بولغاندىن كېيىن جاۋۇرغا ئېلىۋالىمىز. 2. تۇخۇمنى چېلىۋېلىپ جاۋۇردىكى ئۇنغا تۇخۇم، سۇ، ھاراق، تۇزلارنى سېلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز، خېمىرنى ئوبدان قاندۇرۇپ چەيلەپ ئالتىدىن سەككىزگىچە زۇۋۇلا قىلىپ، سولياۋ خالتىغا سېلىپ، توڭلاتقۇغا يېرىم سائەتچە سېلىپ قويىمىز. 3. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، زۇۋۇلا قىلىنغان خېمىرنى نوغۇچ بىلەن نېپىز يېيىپ، لېسنى ياغلاپ، يايغان خېمىرنى بىر- بىرلەپ دۇخوپكىغا سېلىپ پىشۇرىمىز، خېمىر سەل كۆتۈرۈلگەندە ۋىلكا بىلەن تېشىپ قويىمىز. ھەربىر قەۋىتى پىشىپ بولغاندا، لېستىن ئېلىپ قېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن داستىخان بىلەن يۇگەپ قويىمىز. 4. ھەربىر قەۋەت ئۈستىگەبىر قۇر كىرىم سۈركەيمىز، ئۈستى قەۋىتىگە كىرىم سۈركەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرنى يانجىپ سېپىمىز.

 كىرىم: بىر پىيالە ئىرىسنى بىر پىيالە سېرىق مايغا قوشۇپ كۆپتۈرۈپ ياسىلىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125