شاكىلات تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:40:26 2022-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سېرىق ماي بىر پىيالە، ئاق شېكەر يېرىم پىيالە، تۇخۇم ئىككى دانە، سودا كىچىك بىر قوشۇق، كاكائو ئىككى قوشۇق، قېتىق ئىككى قوشۇق، يېتەرلىك ئۇن.

 پىشۇرۇش ئۈسۈلى: 1 سېرىق ماينى جاۋۇرغا سېلىپ، چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا شېكەر، تۇخۇم قوشۇپ، يەنە چېلىپ كۆپۈك چىققۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. كاكائونى قايناق سۇغا سېلىپ ئېرىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قېتىق، ئۇن بىلەن بىللە جاۋۇردىكى ياغنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، تورتنىڭ خېمىرىنى بوش قىلىپ تەييارلايمىز. 3. لېسنى تەكشى ياغلاپ، ئۇن سېپىپ، خېمىرنى ئىككىگە بۆلۈپ، لېسقا يېيىتىپ تۆكۈپ، قىزىتىلغان دۇخوپكىدا بىر- بىرلەپ پىشۇرىمىز. تورتنىڭ بىر قەۋىتىگە كىرىم سۈركەپ، ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت تورتنى قويۇپ، ئۈستىگە شاكىلاتنى پىچاق بىلەن قىرىپ تەكشى يېيىتىپ بېزەپ، تورتنى تۆت بۇرجەك شەكلىدە كېسىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 كىرىم: بىر پىيالە سۈتكە يېرىم پىيالە شېكەر سېلىپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن بىر شاكىلاتنى پىچاق بىلەن ئۇۋاپ ئېزىپ سالىمىز، ئاندىن ئون مىنۇتتەك قاينىتىپ كىرىم تەييارلايمىز. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125