كۆكتات زېڭى ئېتىش ئۇسۇلى
18:59:38 2022-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 600 گىرام، لوق گۆشتىن 200 گىرام، سۇياغدىن 100 گىرام، شوخلا، كۆك ۋە قىزىل لازىلاردىن بىر تالدىن، قىزىل ۋە سېرىق سەۋزە، چامغۇرلاردىن بىر باشتىن، ئاق لاڭخادىن بەش يوپۇرماق، پالەكتىن بەش تۈپ؛ پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، تۇز، جاڭيۇ، ۋېيجىڭلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوناق ئۇنىنى بىر قاچىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قۇيۇپ قوچۇپ سۇيۇلدۇرۇۋېلىپ، قازاندىكى سۇ قاينىغاندا قازانغا قۇيۇپ نوغۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز، زاڭ قايناپ قويۇلۇپ پىشقاندا قازاننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرىمىز. 2. گۆشنى ئۇششاق، نېپىز توغرايمىز. باشقا كۆكتاتلارنىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ ماسلاشتۇرۇپ توغرايمىز. 3. ساپلىق قازانغا سۇياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىياز، سامساق، زەنجىۋىللەرنى سېلىپ داغلاپ، باشقا كۆكتاتلارنى نۆۋىتى بويىچە سېلىپ قورۇيمىز ۋە تۇز- تەمىنى تەڭشەپ، شورپىلىقراق قىلىمىز. ئاخىرىدا زاڭنى قاچىغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە قورۇمىنى سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125