جىگدە مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
18:51:14 2022-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: نانجىگدە 500 گىرام، شېكەر 500 گىرام، لىمون بىر دانە ياكى لىمون جەۋھىرى ئىككى گىرام، جىگدە چىلاشقۇدەك سۇ.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. جىگدىنى يۇيۇپ، سۈيىنى سارقىتىپ، يىڭنە بىلەن چېكىۋېتىپ سىرلىق كورىغا سېلىپ، ئۈستىگە چىلاشقۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ قويۇپ قويىمىز. 2. سەككىز سائەتتىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ سۈيىگە 250 گىرام شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، سۈزۈۋالغان جىگدىنى سېلىپ تۆت- بەش مىنۇت قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز.  3. 20 سائەتتىن كېيىن، يەنە ئوتتا قويۇپ بەش مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە قالغان 250 گىرام شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ، ئۈستىگە لىمون شىرنىسى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسى قوشۇپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز. سۈزۈۋالغان جىگدىنى سېلىپ يەنە تۆت- بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئوتتىن ئالىمىز، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇغاندا پاكىز، قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ سالقىن، قۇرۇق جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ، مەنىينى قويۇلدۇرىدۇ، ئۈچەي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125