خۇرۇچلىرى: پالەكتىن 200 گىرام، ميەنجىڭدىن 200گىرام، كۈنجۈت قىيامى، تۇز، ۋېيجىڭ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، قايناق سۇغا بېسىۋېتىمىز، ئاندىن سوغۇق سۇدا چايقاپ، سۈيىنى سارقىتىپ تەييارلىۋالىمىز. 2. ميەنجىڭنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرايمىز. 3. تەخسىگە سوۋۇتۇلغان پالەكنى رەتلىك تىزىپ، پالەكنىڭ ئۈستىگە ميەنجىڭنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت قىيامىدىن ياسالغان شىرنىنى تۆكۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)