يايما لەڭپۇڭ تەييارلاش ئۇسۇلى
17:17:28 2022-07-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: يايما لەڭپۇڭدىن ئىككى ئورام، سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل- كۆك لازا، قۇرۇتۇلغان قىزىل لازا، ئاچچىقسۇ، ئاشكۆكى، قىزىل لازا يېغى، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. يايما لەڭپۇڭنى بىر- ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە توغراپ، تەخسىگە ئېلىۋالىمىز. 2. سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل- كۆك لازا، قۇرۇتۇلغان قىزىل لازا، ئاشكۆكى قاتارلىقلارنى ئۇششاق چانايمىز. ئاندىن ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ، قىزىل لازا يېغى، تۇز قاتارلىقلارنى ئىلەشتۈرۈپ، يايما لەڭپۇڭنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 ئەسكەرتىش: يايما لەڭپۇڭ- ماش، پۇرچاقلارنىڭ كىراخمالىدىن تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، تەبىئىتى سوغۇق. ئەتىياز پەسىللىرى ئىستېمال قىلسا تەندىكى قۇرۇق ئىسسىقنى ئالىدۇ. ھەزىم قىلىش تەس بولغاچقا، ئاشقازىنى ئاجىز، شۇنداقلا ئاشقازان ياللۇغى بار، بوۋاسىر كېسىلى بارلار، ئۈچەي يوللىرىدا ياللۇغ بار كىشىلەر ئىچى سۈرۈپ قالغان چاغلاردا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

  تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125