خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، ئاق ئۇندىن 100 گىرام، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام، كۈنجۈتتىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئىككى خىل ئۇننى قوشۇپ، قىزىق سۇدا خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. خېمىر سەل سوۋۇغاندا ئازراق خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، يەنە بىردەم تىندۇرۇپ ئىشلەپ، چوكا توملۇقىدا پىلتا قىلىۋالىمىز. 3. پىلتىنى مېغىز چوڭلۇقىدا توغراپ، كۈنجۈت سېلىنغان قاچىغا سېلىپ، كۈنجۈتنى خېمىرغا چىڭ چاپلاشتۇرۇپ، قازاندىكى بەش دەرىجە قىزىغان سۇياغقا سېلىپ، تەكشى سارغىيىپ پىشقاندا ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)