خۇرۇچلىرى: خام قايماق لىق بىر پىيالە، سۈنئىي سېرىق ماي يېرىم پىيالە، شېكەر بىر پىيالە، سۈت پاراشوكى بىر سىقىم، تۆت- بەش دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقى، تۇخۇم بىر دانە، سودا كىچىك يېرىم قوشۇق، ئۇن مۆلچەرلەپ سېلىنىدۇ.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. جاۋۇردا سېرىق ماي بىلەن قايماقنى قوشۇپ كۆپتۈرىمىز. تۇخۇمنى شېكەر بىلەن ئاقىرىپ قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. قالغان خۇرۇچلارنى بىرلەشتۈرۈپ يەنە كۆپتۈرىمىز. سۈت پاراشوكى، سودا، ئۇنلارنى سېلىپ، بوشراق خېمىر تەييارلاپ تىندۇرىمىز. 3. پاكىز ئەمبەلگە خېمىرنى قويۇپ، نوغۇچتا يېيىپ، قېلىپتا بېسىپ چىقىرىپ، شېكەرگە بېسىپ، ياغلانغان لېسقا رەتلىك تىزىپ، ئالدىن قىزىتىۋالغان دۇخوپكىغا سېلىپ، قىزارتىۋەتمەي، ئاقۇچراق پىشۇرساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)