سۇيېغى بال پىرەنىكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
18:04:10 2022-07-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: چۈچۈتۈلگەن سۈزۈك سۇياغ بىر پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، ھەسەل لىق بىر پىيالە، شېكەر ئازكام بىر پىيالە، سودا كىچىك بىر قوشۇق، ئۇن تۆت پىيالە، ئۈستىگە سېپىلىدىغان شېكەر يېرىم پىيالە.

  پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. تۇخۇم، شېكەرلەرنى چوڭقۇرراق قاچىغا سېلىپ قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز، كۆپتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھەسەل قۇيۇپ يەنە كۆپتۈرىمىز. 2. سۇياغنى ئوبدان چۈچۈتۈپ، كۆپتۈرۈلگەن خۇرۇچنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا سودا، ئۇنلارنى سېلىپ بوشراق خېمىر تەييارلاپ ئازراق تىندۇرىمىز. 3. دۇخوپكىنى 10 مىنۇت ئىلگىرى قىزىتىپ، پاكىز لېسنى ئازراق ياغلايمىز. تىندۇرۇلغان  خېمىردا ياڭاقتىن سەل چوڭراق زۇۋۇلا قىلىپ، تەخسىدىكى شېكەرگە بوشراق بېسىپ، لېسقا ئارىلىقىنى سەل يىراق قويۇپ رەتلىك تىزىپ، دۇخوپكىغا سېلىپ پىشۇرۇۋالساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125