خۇرۇچلىرى: سۈت ئىككى پىيالە، تۇخۇم يەتتە دانە، ئاق شېكەر يېرىم پىيالە، قوي يېغى بىر پىيالە، سۈنئىي خېمىرتۇرۇچ بىر قوشۇق، تۇز يېرىم قوشۇق، ئۇن بەش پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. سۈتنى قىزىتىپ، ئۈستىگە تۇخۇم بىلەن شېكەرنى قۇيۇپ چېلىپ، ئاندىن ئۇن، سۈنئىي خېمىرتۇرۇچ، تۇز سېلىپ، بوش خېمىر يۇغۇرۇپ، قېلىن ئوراپ قويىمىز. 2. قوي يېغىنى سەل قىزىتىپ، كۆپكەن خېمىرنى ياغ بىلەن ئوبدان چەيلەپ، يۆگەپ قويىمىز، 20- 30 مىنۇتتىن كېيىن خېمىر ناھايىتى ياخشى كۆپىدۇ. خېمىرغا بارماقنى پاتۇرساق يىپ- يىپ بولۇپ چىقىدۇ، خېمىرنى يەنە ئوبدان چەيلەپ، ئىسسىق يۆگەپ قويىمىز. خېمىر قانچىكى ئوبدان چەيلىنىپ تىندۇرۇلسا بولكا شۇنچە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ باسقۇچنى تەكرار ئىشلەش كېرەك. 3. لېسنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ خېمىرنى زۇۋۇلا قىلىپ، ئۈستىگە داستىخان يېپىپ قويىمىز، كۆپكەن زۇۋۇلىنى ئەشمە شەكىلدە ياكى يارما شەكىللەردە ياساپ، لېسقا ئارىلىقنى يىراق- يىراق تىزىپ، ئۈستىنى داستىخان بىلەن يېپىپ يەنە ئازراق كۆپتۈرىمىز. بولكا كۆپكەندە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يۈزىگە سۈركەپ دۇخوپكىغا سېلىپ نورمال تېمپېراتۇرىدا سىڭدۈرۈپ پىشۇرىمىز. دۇخوپكىنى بەك قىزىق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بولكىنىڭ يۈزى بالدۇر قىزىرىپ، ئىچى خام قالىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)