خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، سۇياغدىن 100 گىرام، پىيازدىن بىر باش؛ تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوناق ئۇنىنى بىر قاچىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قۇيۇپ، قوچۇپ سۇيۇلدۇرۇۋالىمىز. 2. قازانغىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، ئازراق تۇز سېلىپ قاينىتىپ، ئاندىن قاچىدىكى قوناق ئۇنىنى ئاستا قۇيۇپ، نوغۇچ بىلەن توختىماي قوچۇپ تۇرىمىز. زاڭ قايناپ قويۇلۇپ، نوغۇچ سانجىسا ئۆرۈلمىگۈدەك بولغاندا، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ زاڭنى چىنىلەرگە ئۇسىمىز. 3. پىيازنى ئىنچىكە توغراپ بىر قاچىغا سالىمىز، سۇياغنى چۈچۈتۈپ پىيازنى ئۇنىڭغا سېلىپ داغلاپ، پىياز سەل سارغايغاندا قاچىدىكى زاڭنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)