خۇرۇچلىرى: تولۇق پىشقان بۆلجۈرگەندىن 600 گىرام، ھەسەلدىن 10 گىرام (ئەگەر ھەسەل بولمىسا شېكەردىن 30 گىرام) سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالدىن بەش گىرام.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. پاكىز يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلەنگەن بۆلجۈرگەننىڭ ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزۇنىسىغا بويلاپ تەڭ ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ يېرىپ، تەخسىگە گۈل شەكلىگە كەلتۈرۈپ، رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تىزىپ چىقىمىز. 2. ساپلىققا بىر چۆمۈچ سۇ قۇيۇپ، ھەسەل سېلىپ قاينىتىپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قۇيۇپ، سوۋۇغاندا ئۇنى تەخسىدىكى بۆلجۈرگەننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: قان بېسىمغا پايدا قىلىدۇ، قان پەيدا قىلىدۇ، قاندا ماي ماددىسى كۆپلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)