يۆگىمە تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:43:46 2022-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: تۇخۇم ئۈچ دانە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، ئۇن بىر پىيالە، قىزغۇچ ۋارىنە بىر پىيالە.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. پاكىز، قۇرۇق قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ، توڭلاتقۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزىمىز، تۇخۇمنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، چېلىپ ئاپئاق كۆپكەندە شېكەر سېلىپ يەنە كۆپتۈرىمىز. تۇخۇم تازا قويۇقلاشقاندا ئۇننى ئاز- ئازدىن سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، تورت خېمىرىنى تەييارلايمىز. 2. دۇخوپكىنى ياخشى قىزىتىپ، لېسنى تەكشى ياغلاپ، ئازراق ئۇن سېپىپ، خېمىرنى لېسقا بەش مىللىمېتىر قېلىنلىقتا قۇيۇپ، تېز پىشۇرۇۋالىمىز. دۇخوپكىنىڭ تۈز تۇرۇشىغا، ئاغزىنى ئاچماي پىشۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 3. تورتنى لېستىن ئېلىشتا لېسنىڭ چۆرىسىنى پىچاق بىلەن بوشىتىپ تورتنى ئەمبەلگە چۈشۈرۈۋالىمىز. تورت ئىسسىق ۋاقتىدىلا ئۇنىڭغا ئۈچ مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ۋارىنە سۈرتۈپ، بىر باشتىن چىڭ تۇتۇپ يۆگەيمىز. يۆگەلگەن تورت سوۋۇغاندا خالىغان قېلىنلىقتا كېسىپ تەخسىگە تىزساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125