شاپتۇل مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى (2)
18:47:30 2022-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: پىشقان، سۇلۇق، پوستى ئاسان سويۇلىدىغان يارما شاپتۇل 600 گىرام، شېكەر 90 گىرام، ئارپا شېكىرى 150 گىرام، لىمون بىر دانە، سۇ 80 گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. لىموننى پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پارچە قىلىپ سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. 2. شاپتۇلنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلاپ، ئىككى پارچە قىلىپ، ئۈچكىسىنى چىقىرىۋېتىپ، مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ ئېزىپ، سىرلىق كورىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۇ ۋە لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ئۇماچتەك قىلىمىز. 3. ئۇنىڭغا ئارپا شېكىرىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تولۇق ئارىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، شېكەرنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تولۇق ئېرىتىمىز. 4. سىرلىق كورىنى ئوتقا قويۇپ، بوش ئوتتا توختىماستىن ئارىلاشتۇرغاچ قاينىتىپ، ھالۋىدەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئوتتىن ئالىمىز. سوۋۇغاندىن كېيىن، قۇرۇق، پاكىز قاچىغا ئېلىپ، قۇرۇق، سالقىن جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: قاننى كۆپەيتىپ، ساپلاشتۇرىدۇ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

  تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125