ئۈزۈم- ئالما شەربىتى تەييارلاش ئۇسۇلى
18:47:31 2022-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: ئۈزۈمدىن كىچىك بىر شىڭگىل، ئالمىدىن بىر دانە، ھەسەلدىن چوڭ بىر قوشۇق، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 100 مىللىلىتىر.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۈزۈمنى يۇيۇپ، پوستىنى سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىمىز، ئالمىنىمۇ يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق توغرايمىز. بۇلارنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ، ھەسەل قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: قاندا قەنت ماددىسى تۆۋەنلىك كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 ئەسكەرتىش: دىيابېت كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125