خۇرۇچلىرى: جۈزىدىن ئىككى دانە، زەنجىۋىلدىن بىر تال، ئالمىدىن ئىككى دانە، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 50 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: زەنجىۋىل، جۈزە، ئالمىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ توغرايمىز. زەنجىۋىلنى ئۇششاق قىيما قىلىمىز. بۇلارنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نەملىكنى يوقىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۆرەك كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. سېسىغان، توڭلاپ قالغان زەنجىۋىلنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)