قوغۇن مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى (1)
16:29:51 2022-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوغۇن ئېتى بىر كىلوگىرام، شېكەر 600 گىرام، لىمون بىر يېرىم دانە ياكى لىمون جەۋھىرى 25 گىرام، سۇ 800 گىرام.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. قوغۇن ئېتىنى كىچىك چاقماق قەنت چوڭلۇقتا توغراپ، سىرلىق كورىغا سالىمىز، 200 گىرام شېكەرنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، سىرلىق كورىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇپ قويىمىز. 2. شېكەر ئېرىپ بولغاندا قوغۇن ئېتىنى سۈزۈۋېلىپ، قوغۇن شىرنىسىگە ئۆلچەمدىكى سۇنى قۇيۇپ، يەنە 200 گىرام شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، قوغۇن ئېتىنى سېلىپ يەنە بەش مىنۇتچە قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ 12 سائەت قويۇپ قويىمىز. 3. ئۇنى يەنە بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە قالغان 200 گىرام شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىمىز، ئۈستىگە لىمون شىرنىسى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاندىن قوغۇن ئېتىنى سېلىپ تۆت- بەش مىنۇت بوش ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن ئوتتىن ئالىمىز. كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇتۇپ قاچىغا ئېلىپ، سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىپ، خىلىت ھاسىل قىلىدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، تەرەتنى بوشىتىدۇ، بوۋاسىرغا، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ. 

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125