خۇرۇچلىرى: تۇخۇم بەش دانە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، ئالىي سورتلۇق ئۇن ئاز كەم بىر پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. تۇخۇمنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىدىغان يېرىگە 20 مىنۇت قويۇپ، ئاندىن چوڭقۇر قاچىغا چېقىپ، ئۈستىگە شېكەر قۇيۇپ چېلىپ، ئۈچ- تۆت ھەسسە ئاپئاق كۆپۈك چىققۇچە كۆپتۈرۈپ، ئۈستىگە ئۇن سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، تورت خېمىرى تەييارلايمىز. 2. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، چوڭقۇر لېسنى تەكشى ياغلاپ ئاستىغا نېپىز قەغەز سېلىپ، يەنە بىر قۇر ياغلاپ، لېسقا تورت خېمىرىنى قۇيۇپ دۈخوپكىغا سالىمىز. تورت 35- 40 مىنۇتتا پىشىدۇ. تورت دۇخوپكىغا سېلىنغاندىن كېيىن پىشقۇچە دۇخوپكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا بولمايدۇ. ھەتتا دۇخوپكىنىمۇ مىدىرلاتماسلىق كېرەك.
كىرىم: ئۈچ تۇخۇمنىڭ ئېقىنى چېلىپ، ئاپئاق كۆپۈك بولغۇچە كۆپتۈرۈپ ئۈستىگە بىر پىيالە شېكەر، بىر پىيالە سۈت قۇيۇپ ئارىلاشتۈرۈپ، سۇس ئوتتا ئون مىنۇتتەك قاينىتىپ سوۋۇتىمىز. بىر پىيالە ياغنى بىر پىيالە سۈت پاراشوكى بىلەن چېلىپ، ئاپئاق كۆپۈك بولغۇچە كۆپتۈرۈپ، سوۋۇغان قىيامنى قوشۇپ يەنە كۆپتۈرسەك كىرىم تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)