جىڭ موللەك ئېتىش ئۇسۇلى
17:06:05 2022-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 800 گىرام، ئاق ئۇندىن 200 گىرام، ئەبجەش ياغدىن 100 گىرام، بەسەيدىن 300 گىرام، پالەك ياكى جۈسەيدىن 100 گىرام، سېمىز گۆشتىن 300 گىرام، پىيازدىن 100 گىرام، تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئىككى خىل ئۇننى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرىمىز. 2. گۆشنى ئۇششاق توغرايمىز. كۆكتاتلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئۇششاق توغراپ، تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ، گۆش، پىيازلارغا قوشۇپ قىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرنى تۇخۇمدەك زۇۋۇلا ئۈزۈپ، ئالىقانغا ئېلىپ يالپاقلاپ، ئىچىگە قىيما ئېلىپ، مانتا شەكلىدە تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. (ئەتكەن قىزىل لازا، ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ ئىستېمال قىلساق تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ).

 تەبىئىتى: سوغۇق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125