قوناق قوتۇرمىچى ئېتىش ئۇسۇلى
17:15:10 2022-07-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: دېنى توشقان كۆممىقوناقتىن ئۈچ دانە ياكى قوناق كونسېرۋاسىدىن بىر قۇتا، كۆك پۇرچاقتىن 100 گىرام، پىيازدىن يېرىم باش، سۇياغدىن ئىككى كىلوگىرام، كىراخمالدىن 100 گىرام ، تۇخۇم ئېقىدىن بىر تال. 

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. كۆممىقوناقنى پىچاق بىلەن كېسىپ دېنىنى ئايرىۋالىمىز، ئۇنى يۇيۇپ، كۆك پۇرچاق بىلەن بىللە قاينىتىپ پىشۇرۇۋېلىپ، تۇخۇم ئېقى ۋە كىراخمال سېلىپ، توغرالغان پىيازنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز. 2. ساپلىق قازانغا ئىككى كىلوگىرام سۇياغ قۇيۇپ، ئالتە دەرىجە قىزىتىپ، ياغ قاچسىغا تۆكۈپ قويىمىز. ساپلىق قازاندا 50 گىرام ياغ قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا قوناق ئارىلاشمىسىنى تۆكۈپ، ئاق ناندەك دۈگىلەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز. قوناقنىڭ تېگى سەل قېتىشقاندا ياغ قاچىسىغا تۆكۈپ قويغان قىزىق ياغنى ساپلىقنىڭ چۆرىسىدىن بىر چۆمۈچ- بىر چۆمۈچتىن قۇيىمىز. بۇ چاغدا قوناق قوتۇرمىچى لەيلەپ چىقىپ، تەكشى سارغىيىپ پىشىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ سەككىز ياكى ئون پارچە كېسىپ، تەخسىگە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ تىزىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125