ئالما تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:15:09 2022-07-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سېرىق ماي بىر پىيالە، تۇخۇم تۆت دانە، ئالما ئىككى دانە، ئاق شېكەر بىر يېرىم پىيالە، ئۇن ئۈچ پىيالە، سۈت ياكى قېتىق بىر پىيالە، سودا ئىككى قوشۇق،

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى:1. ئالدى بىلەن تۇخۇمنى چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ئاندىن شېكەرنى سېلىپ، يەنە ئاقارغۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. سېرىق ماينى جاۋۇرغا قۇيۇپ بوش ئوتتا ئېرىتىپ، ئېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوتتىن ئېلىپ سوۋۇتىمىز، ئاندىن كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سودانى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، سۈت قۇيۇپ، ئارقىدىن ئۇننى سېلىپ خېمىر تەييارلايمىز. 3.  ئالمىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرىسىنى يېرىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئىككى- ئۈچ مىللىمېتىر نېپىزلىكتە توغرايمىز. 4. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، لېسنى تەكشى ياغلاپ، تورتنىڭ خېمىرىنى بىر سانتىمېتىر قېلىنلىقتا لېسقا قۇيۇپ، توغرالغان ئالمىنى ئۈستىگە رەتلىك تىزىپ دۇخوپكىغا سالىمىز، تورت 20 مىنۇتتا سارغىيىپ، مەززىلىك پۇراق چىقىرىپ پىشىپ چىقىدۇ. تورتنى لېستىن ئېلىپ تۆت چاسا كېسىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125