خۇرۇچلىرى: سۇڭپىيازدىن 50 گىرام، دۇفۇدىن 300 گىرام، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. دۇفۇنى كىچىك چاقماق قەنت شەكلىدە توغراپ، قايناۋاتقان قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقايمىز. 2. سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئىلەشتۈرۈپ، ئاندىن دۇفۇنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: قان بېسىمى، قاندا ماي يۇقىرى كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ھەمدە كالتسىي تولۇقلايدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)