خۇرۇچلىرى: تاۋۇزدىن 150 گىرام، قوغۇندىن 150 گىرام، شاپتۇلدىن 150 گىرام، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، لىمون شىرنىسىدىن 30 مىللىلىتىر، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 50 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: تاۋۇز، قوغۇننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئېتىنى ئۇششاق توغرايمىز. شاپتۇلنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توغرايمىز. توغرالغان مېۋىلەرنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر-ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ، ھەسەل بىلەن لىمون شىرنىسىنى قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: خىلىت ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
ئەسكەرتىش: پىشمىغان ۋە سېسىغان شاپتۇلنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. دىيابېت كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)