قوغۇن مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى(2)
19:06:31 2022-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: پىشقان، تاتلىق، سۇلۇق، رەڭگى كۆك قوغۇننىڭ ئېتىدىن 600 گىرام، ھەسەل 120 گىرام، ئارپا شېكىرى 150 گىرام، لىمون يېرىم دانە، سۇ 50  گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. لىموننى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. 2. قوغۇن ئېتىنى ئۇششاق توغراپ، مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ ئېزىپ، سىرلىق كورىغا تۆكۈپ سۇ، لىمون شىرنىسى ۋە ھەسەلنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز. 3. ئۇنى ئوتقا قويۇپ بوش ئوتتا قايناتقاچ توختىماستىن ئارىلاشتۇرىمىز، سۈيى ئاز قالغاندا ئارپا شېكىرىنى قوشۇپ، يەنە بوش ئوتتا توختىماستىن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلغۇچە قاينىتىمىز. 4. قويۇلۇپ ھالۋىدەك بولغاندا ئوتتىن ئالىمىز، سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز قاچىغا ئېلىپ، سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلىمىز.

 تەسىرى: بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، خىلىت ھاسىل قىلىدۇ. سۈيدۈكنى ھەيدەپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، چوڭ تەرەتنى بوشىتىدۇ، بوۋاسىرغا، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125