خۇرۇچلىرى: قوغۇندىن 200 گىرام، سۇلۇق شاپتۇلدىن بىر دانە، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، لىمون شىرنىسىدىن بىر قوشۇق.
تەييارلاش ئۇسۇلى: قوغۇن بىلەن شاپتۇل ئېتىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا تۆكۈپ، لىمون شىرنىسى بىلەن ھەسەلنى قوشۇپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، خىلىت ھاسىل قىلىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، قەۋزىيەتنى يۇمشىتىدۇ، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: دىيابېت كېسىلى بارلار، ئىچى سۈرۈپ قالغانلار بۇ ئىچىملىكنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)