قوناق ئۇن تورتى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
19:06:33 2022-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۈچلىرى: يېڭى قوي يېغى بىر پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، ئاق شېكەر يېرىم پىيالە، ھەسەل يېرىم پىيالە، سۈت پاراشوكى يېرىم پىيالە، سۈت يېرىم پىيالە، سودا بىر قوشۇق، يەر ياڭىقى مېغىزى، ياڭاق مېغىزى بىر پىيالىدىن، سېرىق قوناق ئۇنى ئىككى پىيالە.

 پىشۇرۇش ئۇسۈلى:1. قوي يېغىنى جاۋۇرغا قۇيۇپ، سۇس ئوتتا ئېرىتىپ، ئۇن يېگۈزۈپ، ئۈستىگە سۈت، ھەسەل، سۈت پاراشوكى، شېكەرلەرنى سېلىپ، قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. 2. تۇخۇمنى شېكەر بىلەن چېلىپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، جاۋۇردىكى خۇرۇچ ئۈستىگە قۇيۇپ، قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سودا بىلەن ئۇننى سېلىپ تورتنىڭ خېمىرىنى تەييارلايمىز. 3. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، چوڭقۇر لېسنى تەكشى ياغلاپ، ئۇنىڭغا قەغەز سېلىپ، يەنە ياغلاپ، ئاندىن تورت خېمىرىنى قۇيۇپ، ياڭاق بىلەن يەر ياڭىقى مېغىزىنى ئۇششاق يانجىپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە سېپىپ، دۇخوپكىغا سېلىپ 35-40 مىنۇت تۇرغۇزۇپ پىشۇرىمىز. پىشقان تورتنى لېستىن ئېلىپ چاقماق قەنت شەكلىدە كېسىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىققا مايىل.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125