«بۇلۇتتا باشقۇرىدىغان» ئەقلىي ئىقتىدارلىق باقمىچىلىق دېھقانلار ئائىلىسىنى بېيىتتى
17:30:27 2022-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭۋېن، خې يەنفاڭ)  «ئېلى، بۈگۈن ھاۋا ئىسسىق، سۇنى كۆپرەك قويۇڭ، 153- نومۇرلۇق كالىنىڭ سەل مىجەزى بوشتەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، سۇنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ... » 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى ئىشلەمچى كەنتىدىكى ئونسۇ ناھىيەلىك قوشماقلاشقان تۇغقانلار باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچى نۇرئېلى سىنلىق نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ئاپپاراتىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تەرتىپلىك خىزمەت قىلىۋاتاتتى.

 يۆ جىنگاڭ بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ئىككى يىل ئىلگىرى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى بارغانسېرى زورايدى، ھازىر بېقىۋاتقان گۆش كالىسى 350 تۇياققا يەتتى.

 ۋاڭ سوپىڭ ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىشلەمچى كەنتىگە كېلىپ تۇرۇۋاتقان 1- شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى. بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، يۆ جىنگاڭ پاراڭلىشىۋېتىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇشتا بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى ۋاڭ سوپىڭغا ئېيتتى. يۆ جىنگاڭ شۇنداقلا دەپ قويغان بۇ ئىشنى ۋاڭ سوپىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. 

 «توغرا، نېمە ئۈچۈن سىنلىق نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كالا قوتىنىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ؟» بىر قېتىم دائىملىق تەكشۈرگەندە، ۋاڭ سوپىڭدا ئوي پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى بولۇپ بۇ ئويىنى يۆ جىنگاڭغا ئېيتتى. 

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باقمىچىلىق جەريانىنى ئىگىلىمەكتە. ليۇ خۇڭۋېن فوتوسى

 دېگەننى قىلىش كېرەك، ۋاڭ سوپىڭ توردىن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئىزدەپ، يۆ جىنگاڭ بىلەن بىرلىكتە لايىھەنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە كونكرېت مەشغۇلات تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. «كالا قوتىنى مۇھىتىغا ئاساسەن، بىز سىمسىز WiFi تور كامېراسى تاللىدۇق، ئۇنىڭ كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ئىنتايىن يۇقىرى، پۈتۈن كۈن نازارەت قىلغىلى بولىدۇ، كالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىگىلى بولىدۇ، يەنە خىزمەتچىلەر بىلەن ۋاقتىدا سۆزلىشىپ، كالا قوتىنىنى <بۇلۇت>تا باشقۇرغىلى بولىدۇ» دېدى يۆ جىنگاڭ خۇشال ھالدا. 

 ئونسۇ ناھىيەسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، ھەربىر كالا قوتىنىنىڭ نومۇرى، كامېراسى بارلىقىنى، سىن تورى ئارقىلىق ئۇلارنى ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە يان تېلېفون ئارقىلىق ھەر ۋاقىت نازارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 يۆ جىنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يۈرۈش «بۇلۇت باشقۇرۇش» سىستېمىسى بولغاچقا، باقمىچىلىق كۆپ قولايلاشتى، باقمىچىلىق تەننەرخى خېلىلا تۆۋەنلىدى، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈمىد بار بولدى. 

 خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە چارۋا باقمىچىلىقى بۇلۇت سۇپىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، باقمىچىلارنى ئىلمىي، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باقمىچىلىق يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «ئاقىل» باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

 «بىز باقمىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، باقمىچىلىقنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى ۋاڭ سوپىڭ. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125