خۇرۇچلىرى: تۇخۇم ئۈچ دانە، قېتىق بىر پىيالە، سودا بىر قوشۇق، ئاق شېكەر بىر پىيالە، ئۇن بىر پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. تۇخۇمنى شېكەر بىلەن چېلىپ ئوبدان كۆپتۈرىمىز. 2. قېتىقنى جاۋۇر بىلەن ئوتقا قويۇپ ئازراق قىزىتىپ، ئۇنىڭغا ئۇن يېگۈزۈپ، سودا بىلەن كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇمنى تەڭلا سالىمىز،خېمىرنىڭ ئۈستىنى يېپىپ 10- 15 مىنۇت تىندۇرىمىز. 3. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، چوڭقۇر لېسنى تەكشى ياغلاپ، ئۇن سېپىپ، تورتنىڭ خېمىرىنى لېسقا قۇيىمىز، تېز قىزىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇخوپكىنى بىر ياندۇرۇپ، بىر ئۆچۈرۈپ پىشۇرۇپ، 25 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دۇخوپكىدىن ئالىمىز. بۇ خىل تورتقا ھەر خىل كىرىملەرنى سۈركەپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)