خۇرۇچلىرى: سۇيېغى بىر پىيالە، ھەسەل بىر پىيالە، سۈت پاراشوكى بىر پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، قېتىق بىر قوشۇق، سودا بىر قوشۇق، ئاق شېكەر يېرىم پىيالە، يېتەرلىك ئۇن.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. تۇخۇم بىلەن شېكەرنى قوشۇپ چېلىپ كۆپتۈرىمىز. سۇيېغىنى جاۋۇر بىلەن ئوتقا قويۇپ ئوبدان چۈچۈتىمىز، ئۇنىڭغا سۈت پاراشوكى قۇيۇپ، ئۇن يېگۈزۈپ، ئوتتىن ئالىمىز، ئۇنىڭغا كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇم، سودانى سېلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ ئاخىرىدا قېتىق قۇيۇپ، تورتنىڭ خېمىرىنى تەييارلايمىز، خېمىر بەك قويۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. 3. خېمىرنى بىرنەچچىگە بۆلۈپ، تېيىز لېسقا نېپىز يېيىتىپ قۇيۇپ، دۇخوپكىنى قىزىتىپ، بىر- بىرلەپ پىشۇرىمىز، ھەربىر قەۋەت ئۈستىگە كىرىم سۈركەپ، ئۈستىگە كاكائولۇق پىرەنىكنى نوغۇچ بىلەن يانجىپ سېپىپ، خالىغان شەكىلدە كېسىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)