چۇقۇچاق تامىقى ئېتىش ئۇسۇلى
17:45:18 2022-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، لوق گۆشتىن 100 گىرام، پىيازدىن بىر باش، چامغۇردىن ئىككى باش، شوخلا، پالەك، پىننە، كۆك ۋە قىزىل لازىلاردىن ئازراقتىن، تۇز، ئاقمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. چامغۇرنى نېپىز توغراپ، قايناۋاتقان قازانغا سالىمىز. 2. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، بىر قاچىغا سېلىپ، تۇز، ئاقمۇچ سېلىپ، سوغۇق سۇ قۇيۇپ چىلاپ قويىمىز. 3. قوناق ئۇنىغا ئازراق تۇز سېلىپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرىمىز، خېمىر سەل سوۋۇغاندا ئەمبەلگە قويۇپ، بارماق توملۇقىدا پىلتا قىلىپ، گۈلە چوڭلۇقىدا زۇۋۇلا ئۈزۈپ (كەسسىمۇ بولىدۇ) زۇۋۇلىنى ئالىقانغا ئېلىپ يۇمىلاقلاپ، ئوتتۇرىسىغا بارماقنى پاتۇرۇپ، ئويماق چىقىرىپ ھەممىسىنى شۇ ئۇسۇلدا تەييارلىۋالىمىز. ئاندىن قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، ئۈستىگە تەييارلىۋالغان قىيما بىلەن كۆكتات توغرالمىلىرىنى سېلىپ بىر قاينىتىپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125