خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 300 گىرام، ئاق ئۇندىن 100گىرام، قوي يېغىدىن 30 گىرام، پىيازدىن بىر باش، سۇياغ، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قازانغا 30 گىرام قوي يېغى سېلىپ سەل قىزىغاندا، ئىككى خىل ئۇننى بىرلا ۋاقىتتا تۆكۈپ، سۇس ئوتتا ئالدىرىماي قورۇيمىز. ئۇن سارغىيىپ پىشقاندا، ئايرىم قازاندا تەييارلىۋالغان قايناق سۇدىن ئاز- ئازدىن قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز، سۇ مۆلچەرگە يەتكەندە، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز. 2. پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سۇياغنى قىزىتىپ، ئۇنىڭغا پىيازنى سېلىپ سەل سارغايغۇچە قورۇپ، ئاتىلانىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)