خۇرۇچلىرى: سۇلۇق يارما شاپتۇلدىن 150 گىرام، ئالمىدىن 150 گىرام، لىمون شىرنىسىدىن بىر قوشۇق، ناۋاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 60 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: مېۋىلەرنىڭ پوستىنى سويۇپ، ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق توغراپ، مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ ئىستاكانغا قۇيۇپ، لىمون شىرنىسى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھۆل تەبىئەتلىك ۋە بەلغىمى كۆپ كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)