خاسىڭ مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
19:00:19 2022-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: خاسىڭدىن 600 گىرام، ھەسەلدىن 200 گىرام، ئارپا شېكىرىدىن 150 گىرام، لىموندىن بىر دانە ياكى لىمون جەۋھىرىدىن ئىككى گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. خاسىڭنى قۇرۇق قازانغا سېلىپ، بوش ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتمەي قورۇپ پوستىدىن ئايرىيمىز. 2. پوستىدىن ئايرىلغان خاسىڭنى سىرلىق كورىغا سېلىپ، ئۈستىگە چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، بىر قاينىتىپلا ئوتنى ئۆچۈرۈپ دۈملەيمىز. 3. لىموننى سىقىپ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىشلىتىشكە تەييارلاپ قويىمىز. 4. دۈملىنىپ يۇمشىغان خاسىڭنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ ئۈستىگە ئازراق سۇ قۇيۇپ ئېزىپ ئۇماچتەك قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى پاكىز سىرلىق كورىغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرىمىز. 5. ئۇماچتەك قىلىپ تەييارلانغان خاسىڭغا ھەسەل، ئارپا شېكىرىنى قوشۇپ تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە تەييارلاپ قويغان لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، بوش ئوتتا ھالۋىدەك بولغۇچە توختىماي قوچۇپ قىزدۇرىمىز. ھالۋىدەك بولغاندا ئوتتىن ئالىمىز، سوۋۇغاندا، سوغۇق يەردە ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: بەدەننى سەمرىتىش، ئىچىنى بوشىتىش، ئوزۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125