خۇرۇچلىرى: پىشقان قېرىندىن 300 گىرام، كۆك- قىزىل لازىدىن بىر تالدىن، سامساقتىن ئۈچ چىش، زەنجىۋىلدىن بىر تال، سۇڭپىيازدىن يېرىم تال، تۇز، ئاچچىقسۇ، قىزىل لازا يېغى، شېكەر قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. پىشقان قېرىننى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، كۆك- قىزىل لازىنىمۇ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، سامساق، زەنجىۋىل، سۇڭپىيازلارنى چاناپ توغرايمىز. 2. خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا ئالىمىز، ئۈستىگە شېكەر، تۇز، ئاچچىقسۇ، قىزىل لازا يېغى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)