شاتۇت مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
16:21:07 2022-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قارىيىپ تولۇق پىشقان، چوڭ- چوڭ شاتۇت 500 گىرام، ھەسەل 300 گىرام، شېكەر 300 گىرام، لىمون بىر دانە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. لىموننى پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پارچە قىلىپ سىقىپ، شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. 2. شاتۇتنىڭ ساپىقىنى كىچىك قايچا بىلەن كېسىپ تولۇق ئېلىۋېتىپ، سۇ ئېقىتىپ يۇيۇپ، سۈيىنى سارقىتىپ سىرلىق كورىغا بىر قەۋەت شېكەر، بىر قەۋەت شاتۇت تىزىپ، ئۈستىگە قالغان شېكەرنى سېلىپ، سىرلىق كورىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، شېكەر پۈتۈنلەي ئېرىپ بولغۇچە سالقىن جايغا قويۇپ قويىمىز. 3. شاتۇتنى سۈزۈۋېلىپ چىققان شىرنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، لىمون شىرنىسى ۋە ھەسەلنى قوشۇپ بوش ئوتتا قاينىتىمىز. قايناپ قىيامى تەڭشەلگەندە، سۈزۈۋالغان شاتۇتنى سېلىپ، بوش ئوتتا يەنە بەش مىنۇتچە قاينىتىپ ئوتتىن ئالىمىز. سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز قاچىغا ئېلىپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: سەپرانى پەسەيتىپ، ئىسسىقتىن بولغان كاناي ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

 ئەسكەرتىش: قەۋزىيەت كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

 تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125